كوسۋاي شىركىتى ـــــــــ كۇئالامپۇر ئاكسىيە بىرژىسىدا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت، 1979يىلى -12ئايدا قۇرۇلغان، تىزىملاتقان مەبلىغى 90 مىليون 600 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى، ئومۇمى مال-مۈلكى 468 مىليون، ئې كوسۋاي < مۇئاپىقىيەت گوروھى > (BERJAYA) غا تەۋە گۇروھ. ئې كوسۋاينىڭ باش ئاپپاراتى مالايسىيادا، تۈركىيە، ھىندىستان،يېڭى زىللاندىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، ئامىرىكا، ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، تايلاند، سىنگاپور، مېكسىكا، شاڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا تارماق شىركىتى بار ھەم داۋاملىق يەر شارىغا كەڭىيىۋاتىدۇ، كوسۋاي ئىستىمالچىلارنى تۈرى ناھايىتى كۆپ، باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ياخشى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى سودا ئىدىيىسى قىلغان، پوچتا ھەم ئەرزانلىتىپ سېتىش دۇكىنى شەكلى ئارقىلىق، ئىستىمالچىلارنى تۈرى كۆپ، باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئۆزئارا مەنپەئەتلەندۈرۈپ سېتىش ئىدىيىسى ئارقىلىق، ئىستىمالچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنى مەھكەم باغلاپ، ئىستىمال ئارقىلىق بېيىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغان.
1979-يىلى كوسۋاي شىركىتى قۇرۇلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تونۇش بولغان ئامۋاي شىركىتى مالايسىياغا كىرىپ تەرەققى قىلغان چاغلىرى ئىدى، سەيجىنشيوڭ ئەپەندى باشقا بىۋاستە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ سودا قىلىش شەكلىنى كۈزەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سودا قارىشى ئارقىلىق، كوسۋاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق ئىدىيىسىنى تىكلىدى، ئۇ بولسا: خېرىدار ۋە تىجارەتچىلەرنى جەلپ قىلالايدىغان ھەم تۇتۇپ تۇرالايدىغان بولۇش. ئۇ، دۇكان ۋە پوچتا ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان، خېرىدار ئارقىلىق خېرىدار تېپىپ، ئېلانغا پۇل خەجلىمىگەن.32 يىلدىن بۇيان مالايسىيادا 800 دىن ئارتۇق ئەرزان باھالىق تاللا بازىرى ئاچقان، تايلاندتا 100 دىن ئارتۇق ئاچقان، فىلىپپىندا 100 گە يېقىن ئاچقان، تەيۋەندە 300 دىن ئارتۇق ئېچىلدى، شاڭگاڭدا ھازىرغا قەدەر 80 نەچچىسى بار. باشقا يەنە ھىندونېزىيە، برونېي، سىنگاپور قاتارلىق جايلاردىمۇ دۇكىنى بار.دۇكىنىدا مىۋە شەربىتى، پىرەنىك، كىر يۇيۇش پاراشوكى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، ماشىنا لازىمەتلىكلىرى، كىيىم-كېچەك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى.......قاتارلىق ئون مىڭ خىلغا يېقىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ، ھازىر شاڭگاڭدىكى دۇكانلىرىدا 4 مىڭ خىلغا يېقىن مەھسۇلات بار. سىز ئىشلىتىدىغانلا نەرسە بولسا ھەممىسى تېپىلىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، باشقا بىۋاستە سېتىش شىركەتلىرى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى، سىز كوسۋاينىڭ دۇكانلىرىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىداردىكىلىرىنى تاپالايسىز، باھاسى بولسا خېلىلا ئەرزان. ئىستىمالچىلار كوسۋايدىن مەھسۇلات سېتىۋالسا، ئىستىمال قىلغان پۇلىغا قارىتا نومۇر بېرىدۇ، بۇ نومۇرنى ھەقسىز مەھسۇلاتقا ئالماشتۇرغىلى ياكى نەچچە مىڭ خىل مەھسۇلاتنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىستىمالچىلار تەبىئىلا سادىق ئىتىمالچىلارغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا شىركەتنىڭ نەتىجىسى يىلدىن-يىلغا ئاشقان، ھازىر ئۇ مالايسىيادىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بىۋاستە سېتىش شىركىتى ھەم ئەرزانلىتىپ سېتىش سودا سارىيى.
ئې كوسۋاي 2001-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان، ئۇ كوسۋاينىڭ تەسىس قىلغان توردىكى سودا سارىيى، يەنە ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان ئىلىكتىرۇنلوق بىۋاستە مال سېتىش، مۇكاپات تۈزىمىمۇ بارلىق بىۋاستە مال سېتىش شىركەتلىرىنىڭككىگە قارىغاندا ئەۋزەللىكى بەكلا زور، ئومۇمى مەبلىغى 40 مىليون ئامىرىكا دوللىرى، باش ئاپپاراتى مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالامپۇردا، ھازىر ئۇ پۈتۈن يەر شارىدا مال سېتىۋالغۇچىلىرى، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرى ۋە ئەزالىرى بار دۆلەت ھالقىغان شىركەت. ئانا شىركىتى كوسۋايدىن باشقا، ئې كوسۋاينىڭ يەنە بىر چوڭ پايچىكىMOL.COM (بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىمۇ كۇئالامپۇردا بازارغا سېلىنغان .) روياپ گوروپپىسى.
|

