سۇ بولسا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سۇ ئادەم بەدىنىگە تۈرلۈك ئوزوقلوقلارنى يەتكۈزىدىغان ۋاسىتچى، ھەر ۋاقىت سالامەتلىكنى قوغدايدۇ، سۇ ئادەم بەدىنى ئومومى ئېغىرلىقىنىڭ %60 نى ئېگەللەيدۇ. سۇنىڭ يىلىكتىكى ئگەللىگەن نىسبىتى %22 ، يۈرەكتە %80 ، بۆرەكتە %83 ، مېڭىدە %85 ، قاندا بولسا %83 بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئادەم يىمەكلىكلەر بولمىغان شارائەتتە 40 كۈنگىچە ياشاپ كىتەلەيدىكەن، لىكىن سۇ بولمىسا 3 كۈنگە قالمايلام ھاياتقا خەۋىپ يىتىدىكەن. دىمەك سۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى تولىمۇ موھىم ھېساپلىنىدۇ. قەدىمقى تىببى كىتاپلاردا، سۇ بارلىق دورىلارنىڭ سەركىسى، ساغلام ھاياتنىڭ مەنبەسى دېيىلگەن. بۇ يىل 6-ئاي ئەتراپىدا، چەتئەل تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئامرىكىلىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىببى پەن ئالىمى دوكتور فىرباتىمەن ئۇزاق يىللىق تەتقىقات تەجرىبىللىرىنى يەكۈنلەپ، يېزىپ چىققان ((سۇ ئەڭ ياخشى دورا)) دىگەن كىتابى، كىشىلەرنى ھەقىقىتەنمۇ ئويغا سالىدۇ، بۇ ئالىمنىڭ قارىشىچە، يۇز بېرىۋاتقاقان مۇتلەق كۆپ قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەنبەسى سۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئكەن. ئۇ يەنە، دورا بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئېلمى ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولوپ، كېسەللەرگە دورا ئشلىتىشنى خاتا دەپ قارايدىكەن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت كېلىنكىلىق تەجرىبە ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق 3000 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكنى، سۇنى ساپ ۋە ئېلمى ئستىمال قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئسپاتلاپ چىقىپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاپ يېزىلىپ چىققاندىن كېيىن 16 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ كىتاپ 21- ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ساغلاملىق يېتەكچەسى ئىكەن. ساغلام ھايات ھەر بىر ئنساننىڭ ئەڭ زور ئارزۇسى، كىشىلەر كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغانلىرىدا ئۆزى كېسەللىك ئازابىنى تارتقاندىن سىرىت يەنە ئايىلىسىگە كۆپلىگەن بېسىرەمجانلىق ھەم ئېختىزادى بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇم توغرا ۋە ئېلمى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى يۇقۇرى بولغان ۋە ئاساسلىق ئامىل بولغان سۇنى ھەر كۈنى ئستىمال قىلىمىز...ئەگەر بىز بەدىنىمىزنىڭ ھەر كۈنى قايسى ۋاقىتلاردا قانچىلىك مېقتاردىكى سۈپەتلىك سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق ھەم شۇ بويىچە بەدىنىمىزنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى دەل ۋاختىدا تەمىنلەپ ماڭالىساق ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولوش ئېھتىماللىقىنى زور دەرجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەندۇق. رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېختىزادى ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس، سەۋەپ قىلىشقا قۇربى يەتمەي قېلىپ بىئەجەل كېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۆلىپ تۇرىدۇ، ئەجداتلاردا سۇ كەلگۈچە توغان سال دىگەن ھىكمەت بار، يەنە سەۋەپ قىلساڭ سۆۋەتتىمۇ سۇ توختايدۇ دىگەن گەپمۇ بار، ئېنسانلارغا كۆپ نىممەتلەر ئاتا قىلىنغانكەن، بىز شۇ نىممەتلەردى پاكىز ھەم ئېلمى پايدىلانساق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ، ساغلام ھاياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىز ھەر كۈنى ناھايتى كۆپ ئستىمال قىلىدىغان ھەم باھاسىمۇ تۆۋەن بولغان ئچىملىك سۇنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ(چۈنكى ھازىر ئستىمال قىلىۋاتقان تۇربا سۇلىرىنىڭ تەركىۋىدە، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلارمۇ خېلى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسلىتا خاراكتىرىگە ئېگە، بەدەن سۇيۇقلىقىمىز بولسا، ئاجىز ئشقارلىق ھالەتتە بولىشى كىرەك)ئېلمى يوسۇندا پايدىلانساق، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولوش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپلام قالماستىن بەلكى ئلگىرى قانداق سۇنى ئستىمال قىلىش، قانداق ئۇسۇلدا ئېلمى ئستىمال قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن كېسەللىكلەرمۇ، ئشقارلىق ساپلاشتۇرۇلغان سۇ ئچىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن...بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئۇسۇل بولوپ ھەممە كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ...ساغلاملىق ئنساننىڭ زور بايلىقى. يەنىلام تەۋسىيە، رايونىمىزنىڭ ئچىملىك سۇلىرىنىڭ بۇلغىنىشى نىسبىتەن ئېغىر بولوپ، شۇڭلاشقا ئچىملىك سۇ مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئتىبار بىلەن قاراش، كۆڭۈل بۆلىش تەخىرسىز بىر مەسىلە بولوپ قالدى ، بىز چوقوم سۇنى ساپلاشتۇرۇپ(تازىلاپ) ئۆلچەملىك، ئشقارلىق ھالەتتە، ئېلمى يوسۇندا ئستىمال قىلساق دوكتور فىرباتىمان كىتابىدا يازغاندەك ھەر خىل كېسەللىكلەردىن خالى بولوش ئھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ، ئادەم ساغلام ھايات كەچۈرگەندىلام ھەممە ئشلارنى ياخشى داۋام قىلالايدۇ. دوسلارنىڭ، دوكتور فىرباتىماننىڭ ساپ تازىلانغان سۇنىڭ، ئادەم بەدىنىگە ۋە ساغلاملىقىغا نەقەدەر مويىملىقى توغرىسىدىكى بۇ نادىر ئەسىرىنى كۆرۆپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. |