باش بەت
ئورنىڭىز: Bashbet > خەۋەر >

سودىگەرلەرگە سەمىمى تەكلىپ ..

يوللانغان ۋاقتى: 15:41 27-05-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: dolkun كۆرۈلۈشى: قېتىم
1. خەۋەر ،ئۇچۇر كۆرۈپ تۇرۇڭ . مەيلى سىزنىڭ سودىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن بولمىسۇن ، تېلېۋىزور ياكى گېزىت-ژۇرنال ۋە ياكى توردىن كۈ

 1. خەۋەر ،ئۇچۇر كۆرۈپ تۇرۇڭ . مەيلى سىزنىڭ سودىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن بولمىسۇن ، تېلېۋىزور ياكى گېزىت-ژۇرنال ۋە ياكى توردىن كۈندۈلۈك خەۋەرلەرنى ئامال بار تولۇق كۆرۈپ تۇرۇڭ . توردىن پايدىلىنىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ . پات- پات سودىغا ئائىت يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تۇرۇڭ.
2.ھەرخىل توختاملارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ .
مەيلى ئۇ سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق تۇققىنىڭىز بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن توختامغا ، ئۇ قول قويۇپ بەرگەن ھۆججەتلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ .
3. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ .
ئۇزۇن مۇددەت سودا قىلىمەنلا دەيدىكەنسىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىڭ . چوقۇم بىرەر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا كۆزىڭىز يەتكەندىلا ئاندىن باشقىلارغا ۋەدە بېرىڭ .
4.دەسلىپىدىلا كۆپ مەبلەغ سالماڭ .
ئۆزىڭىز ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان سودىنى قىلماقچى بولسىڭىز دەسلىپىدە كۆپ مەبلەغ سالماڭ ، ئەگەردە كۆپ مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سودا بولسا ئەڭ ياخشىسى بۇنى قىلماڭ .
5. شېرىكىڭىزنى ،ھەمكارلاشقۇچىنى توغرا تاللاڭ .
ئۆزىڭىز ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئادەم بىلەن شېرىك بولماڭ ، ئۇرۇق -تۇققانلىرىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن شېرىك سودا قىلماڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى شېرىك تاللىغاندا شېرىكىڭىزنىڭ پۇلىدىن ئۆزى بەك مۇھىم .ئامال بار ئۆزىڭىزدىنمۇ تەجرىبىلىك ، سىزدىنمۇ ئەقىللىق ئادەم بىلەن شېرىكلىشىڭ .
6.مەسىلە كۆرۈلگەندە ، سودىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ئامال بار سوتتا ھەل قىلىشنى ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ھەل قىلىشنى ئويلىشىڭ .ئازراق زىيان تارتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز ھەل قىلغىنىڭىز ياخشى ، ئامال بار سوتقا بارماڭ .
7.باج تاپشۇرۇشتىن قاچماڭ ،لىكىن ئامالنىڭ بېرىچە باج تاپشۇرمايدىغان ئۇسۇلنى تېپىڭ .
يەككە تىجارەتچىلەرگە نىسبەتەن باجنى ۋاقتىدا تۆلەپ ماڭغان ياخشى ، ئەمما بەزى سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلانسىڭىز باجنى تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .ئەگەردە شىركەت ياكى كارخانىڭىز بولسا مۇۋاپىق يوللار بىلەن باج تۆلىمەي ماڭالايسىز . ئامال بار باج تالونىنى ئاز كىسىڭ . ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن سودا قىلغاندا ئۇنىڭ باج تالونى بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ .
8.مەيلى قانداقلا سودا قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر نېسىگە مال ساتماڭ .
9. ئۆزىڭىزگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويۇڭ .
مىليونلاپ پۇل تاپقان ھەم تېپىۋاتقان ، سودىڭىز شۇنداق ياخشى يۈرىشىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۆزىڭىزگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويۇڭ . ھېچ بولمىغاندا قولىڭىزدىكى نەق پۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئايرىم ساقلاپ قويۇڭ .
10.كەيىپ ساپاغا بەك بېرىلىپ كەتمەڭ ، ئاياللارغا پۇلنى ئاز خەجلەڭ .
كەيىپ -ساپانى ئاز قىلىڭ ، بولۇپمۇ سىرتتىكى ئاياللارغا پۇلنى ئاز خەجلەڭ . سودىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى سىز ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئاياللار بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭ .
11. ئاياللارغا قىلىۋاتقان سودىڭىز توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەپ بەرمەڭ .
ئۇ مەيلى سىزنىڭ ئايالىڭىز ياكى سۆيگىنىڭىز ۋە ياكى ئاشنىڭىز بولسۇن ئۇنىڭغا سودىڭىز توغرۇلۇق ئاز سۆزلەڭ .
12. ئائىلىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ .
ئايالىڭىزغا ، بالىلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنۇتماڭ . سودىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىڭ ، مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ . ئۇلار سىزنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يېنىدا باردەك ھېس قىلسۇن . ئائىلىڭىز سىزگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالىغاندىلا قىلىۋاتقان سودىڭىز تېخىمۇ ياخشى يۈرىشىدۇ .
13.باشقىلارغا ھەددىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ .
قىلىۋاتقان تىجارىتىڭىز مەيلى سىز بولۇڭ ياكى بولماڭ شۇنداق ياخشى يۈرىشىدىغان بولسىمۇ ، سودىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى يەنىلا ئۆزىڭىز قىلىڭ .
14.ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىڭ ، پائالىيەتچان بولۇڭ .
ئامال بار كۆپراق ئادەم بىلەن تونۇشۇڭ ، ھەرخىل ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇڭ ، ئۆزىڭىز بىلەن قارشى پىكىردىكى ئادەملەر بىلەنمۇ ، رىقابەتچىلىرىڭىز بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ تۇرۇڭ ، لىكىن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاڭ .
15. ئېلان -تەشۋىقاتقنى كۆپرەك قىلىڭ ئەمما ئېلانغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ .
ئېلان - تەشۋىقاتنىڭ رولىغا سال قارىماڭ ، ئامالنىڭ بېرىچە ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان بېرىپ تۇرۇڭ ،ئەمما ئۆزىڭىز ئېلانغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ .
16. مەبلەغ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇڭ .
قىلىۋاتقان سودىڭىز مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ، مەبلىغىڭىز كۆپ ياكى ئاز بولسۇن مەبلەغنى جايىدا ئىشلىتىشنى ئۆگۈنۈڭ ، خەجلىسىمۇ بولىدىغان ، خەجلىمىسىمۇ بولىدىغان پۇلنى قەتئى خەجلىمەڭ .ئېسىڭىزدە بولسۇن مەبلەغ باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى سودا باشقۇرۇش ، شىركەت باشقۇرۇش ، كارخانا باشقۇرۇش دىگەنلىكتۇر.

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر
  • www.xwdy.com
  • www.386w.com
  • www.xiame.com
  • www.jiasuba.com
  • www.7415.com
  • www.xinluobo.com
  • www.xinxigua.com
  • windows xp
  • 7k7k7
  • k7k7
  • 33668
  • xigua
  • faxing
  • taoke
  • 2012
  • ghost xp sp3
  • xinluobo
  • ghost xp
  • win7
  • rmzt
  • msmz
  • hao123
  • 33
  • 65ip