ئۇيغۇرلاردا سودىدىكى قاتماللىق
يوللانغان ۋاقتى: 15:46 27-05-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: dolkun كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ تېمىنى يېزىشنى خېلى كۈنلەردىن بېرى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ ، سودىنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان ئىدىم ، بۈگۈن ۋاقتى
بۇ تېمىنى يېزىشنى خېلى كۈنلەردىن بېرى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ ، سودىنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان ئىدىم ، بۈگۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ يېزىۋىتەي دىسەم ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي خېلى ئولتۇرۇپ قالدۇم ، ( ئەمەلىيەتتىغۇ ئۆزەمنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم يوق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلھام قېچىپ كىتىپتۇ ... ھى....ھى ) يەنىلا شۇ دۇكاندارچىلىق توغرىسىدا ئازراپ سۆزلەپ باقاي .
نىمە سەۋەبتىنكىن بىلمىدىم ، ئۇيغۇرلار ئىجارىگە ئالغان دۇكانلار ناھايىتى تېزلا قولدىن - قولغا ئۆتىدۇ ، يېڭىلىنپ تۇرىدۇ ، چاچ ياسىتىدىغان ساتىراچخانىڭىز بىر كۈنى قارىسىڭىز ئاشخانىغا يەنە بىر كۈنى قارىسىڭىز كومپۇتېرخانىغا ،يەنە بىر كۈنى باشقا بىر دۇكانغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ ،بۇنداق ئۆزگىرىش ناھايىتى تېزلا يۈز بېرىدۇ ، ئۇيغۇرلاردا پۇل ئاز شۇڭا بەرداچلىق كۈچى ئاجىز ،ئازراقلا زىيان تارتسا دۇكان تاقىلىپ قالىدۇ ،دەپ چۈشەندۈرىدۇ بەزىلەر .مەنچە بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ يەنىلا بىزدىكى بازار ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللىمەسلىك ، سودا ئۇچۇرلىرىغا سەل قاراش ، ئالدى كەينىنى ئويلىماي ، ئالدىراقسانلىق بىلەن مەبلەغ سېلىش ، سودا ئۇچۇرلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە مەبلەغنى جايىغا ئىشلىتەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقىشى مۇمكىن . يەنە بىر خىل ئەھۋالدا بەزىلەر دۇكاننى ئېچىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئوبدانلا يۈرۈشتۈرىۋالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇكاننى ئۇزۇن مۇددەت ئاچىدۇ ، نۇرغۇن يىل ئېچىپمۇ بۇ دۇكاننى ئىككى قىلمايدۇ ، تاپقىنىغا قانائەت قىلىدۇ ، شۈكرى قىلىدۇ ، ئەسلىدىغۇ بىر دۇكاننى ئۇزۇن مۇددەت ئېچىش ، بىر كەسىپنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش شۇ ئادەمنىڭ سودىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىش ، بىراق ئۇنى كېڭەيتمەي ئۆز پېتىچە داۋاملاشتۇرۇش تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ ئۆتۈش مەنچە ياخشى ئۇسۇل ئەمەس . بىر دۇكاننى ئېچىپ يۈرۈشتۈرمەك ئىنتايىن تەس ، ئەمما شۇ كەسىپنى ،شۇ سودىنى قىلىپ كۆزىڭىزنى پىشقاندا ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشسىڭىز ، تاپقىنىڭىزغا شۈكرى قىلىپ ، يېنىڭىزدىكى دۇكاننى ئېچىپ تاقىغان ئادەمگە ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرماي ، سىزگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ سودىنى ،تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلغانلار ئۆزىڭىزگە ئۈلگە قىلسىڭىز دۇكىنىز يىلدىن يىلغا زورىيىدۇ ، بىر دۇكان ئىككى بولىدۇ ، تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز ھەتتا نۇرغۇنلىغان زەنجىرسىمان دۇكانلارغا ئايلىنىدۇ . تېخى يېقىندىلا كۇچار ناھىيىسىدە ئۆزگۈل راڭپىزىخانىسىنى ئاچقان يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەلۇماتلىق بىر قىزغىن نەچچە يىل ئىچىدىلا تەرەققى قىلىپ يۈزدىن ئوشۇق زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى ، ( بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ، ئۇ ئايال خوجايىننىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) ، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلىرىمىز يەنىلا شۇ 10يىل 15 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ دۇكاننى ئېچىۋاتىدۇ ، شۇنچە يىلدىن بېرى قىلىۋاتقان سودىسى ، كىرىمى يەنىلا ئوخشاش .
كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ ، سىز سودىڭىزنى كېڭەيتمىسىڭىز خەق كېڭەيتىدۇ ،نەمۇ نەدىن ، ياقا يۇرتتىن كەلگەن ، سىزمۇ ، مەنمۇ تونۇمايدىغان كىشىلەر بازارنى ،سودىڭىزنى تارتىۋالىدۇ ، ھەتتا شۇنچە يىل ئاچقان دۇكىنىڭىزنى تارتىۋالىدۇ ، دۇكاننى بەرمەسلىككە ئامالىڭىزمۇ يوق ، ئىجارە ئۆسىدۇ ، سىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ، سىز تۆلىيەلمىەۈدەك دەرىجىدە ئۆسىدۇ ، باشقىلاردا پۇل سىزنىڭكىدىن كۆپمۇ ئەمەس بەلكىم لىكىن ئۇلاردا سىزگە قارىغاندا تىرىشچانلىق ، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۆپ ..
شۇڭا ئامالنىڭ بېرىچە ، كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە سودىڭىزنى ،دۇكىنىڭىزنى كېڭەيتىش ، تاپقىنىڭىزغا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرىۋەرمەڭ ،( بۇنداق دىسەم ھەرخىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ خەقنى قاقتى -سوقتى قىلىپ يۈرمەڭ ، ھېچكىمگە ھارام ياراشمايدۇ ) ، شۈكرى -قانائەتنى ھەرگىز ئالغا ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالماڭ !
مەنبە؛ سودىگەرلەر تورى
|
------分隔线----------------------------