باش بەت
ئورنىڭىز: Bashbet > خەۋەر >

ئۇيغۇرلاردا سودىدىكى دورامچىلىق

يوللانغان ۋاقتى: 16:05 27-05-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: dolkun كۆرۈلۈشى: قېتىم
نەزەر دائىرىنىڭ كەملىكى ، سودىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېرىشىش يولىنىڭ تارلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇيغۇرلاردا بىر-بىرىنى دوراپ سودا قىلىش ، دۇ

 نەزەر دائىرىنىڭ كەملىكى ، سودىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېرىشىش يولىنىڭ تارلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇيغۇرلاردا بىر-بىرىنى دوراپ سودا قىلىش ، دۇكان ئېچىش ھەتتا شىركەت قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتەك ئىشلارنى دورامچىلىق خائىشى ئىنتايىن ئېغىر ، قىززىق يېرى شۇكى بىز باشقىلارنى دورىمايمىز پەقەت بىر -بىرىمىزنى دورايمىز ، باشقىلار قىلسا كارىمىز يوق ئەمما بىز قىلساق كۆرەلمەيمىز ، ھەسەت قىلىمىز ھەم قوللىمايمىز .يېقىندا بىر شىركەت سۇنى ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپتىكەن ، ئارقىدىنلا بۇنداق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتتىن بىرنەچچىسى بىراقلا قۇرۇلدى .ئۇيغۇرچە ماركىدىكى  DVD ئاپراتىنى ئەڭ دەسلەپ قايسى شىركەت ئىشلەپ چىقاردى بۇنى بىلمىدىم ، ئەمما شۇ چىقىپلا كەينى كەينىدىن ئۇيغۇرچە ماركىىدىكى DVD ئاپراتلىرى چىقىۋەردى ، ھەتتا يىلدا نەچچە ماركىدىكى مەھسۇلات بازارغا كىردى ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدارلار بۇنىڭ قايسىسى سۈپەتلىك ،قايسىسى سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي ، ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلار ساختا دەيدىغان بولدى ، كىيىن بارا- بارا باشقا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىمۇ تۈركۈم - تۈركۈملەپ بازارغا كىردى يەنە ئوخشاشلا بىريىلنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ماركا بازارغا كىردى . ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دەپ تېلېۋىزوردا بىر شىركەت ئېلان بەرسە ئارقىدىنلا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەر تۈركۈملەپ قۇرۇلدى .گىرىم بۇيۇملىرىمۇ ، كىيىم - كېچەك سودىسىمۇ ئوخشاشلا بولدى . ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشى ، بازار ئىگەللىشى ناھايىتى ياخشى ئىش ، لىكىن شۇنچە كەڭ بازاردا ھەممىلا ئادەم بىرنەچچە تۈرگە ئېسىلىۋېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ، بۇ دورامچىلىق خالاس . بىز نىمشقا باشقىلارنى دورىمايمىز ، نىمشقا باشقىلار قانداق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىۋاتىدۇ ، بازاردا يەنە قانداق مەھسۇلاتلار سېتىلىۋاتىدۇ بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيمىز ، ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلات ئىشلەي دىسە بازاردا شۇنچە كۆپ مەھسۇلاتلار تۇرۇپتۇ ، شۇنداق كەڭرى بازار تۇرۇپتۇ ، نىمشقا كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ، بازار  ئايلىنىپ كۆرمەيمىز . بىرسى ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئاياق ئىشلەپ چىقارغا ،سىز ئۇيغۇرچە ماركىدىكى پايپاق چىقارسىڭىز بولىدىغۇ ؟ ئۇ پايپاق چىقارغا سىز يەنە ئاياق مېيى ياكى پېتەك ئىشلەپ چىقارسىڭىز بولىدىغۇ ؟  نىمشقا ئۇ ئاياق ئىشلەپ چىقىرىپ پۇل تېپىپ كەتتى ، مەن نىمىشقا ئىشلىمەيمەن دىگەننىلا ئويلايمىز ؟  بىرسى چىش پاستىسى ئىشلەپ چىقارسا ، تېلىۋىزوردا كۈندە دېگۈدەك يېڭى ماركىدىكى چىش پاستىسىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈمىز ، چاچ سوپۇنىمۇ ، يۈز سوپۇنىمۇ ، كىر سوپۇنىمۇ ھەم شۇنداق . بىرسى قىزىل تۆگە ئىچىملىكى دەپ چىقارسا يەنە بىرسى قىزىل بۇغا دەپ چىقىرىشنىڭ ئورنىغا يېشىل چاي ، قىزىل چاي ، يەنە ... بىرنىمە سۈيى دىگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارساق بولىدىغۇ ؟  يازدا كۈندە دېگۈدەك تۇڭيى ياكى يەنە بىر خەنزۇچە ماركىدىكى يېشىل چاي ئىچىمىز ، ئەمما بىز قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىنى ناھايىتى ئاز ئىچىمىز ....

ھېلىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارغا ئىشەنمەيدىغان ھالەت ئاللابۇرۇن شەكىللىنىپ بولدى ، بۇنى كىم شەكىللەندۈردى ، بىز ئۆزىمىز ، سىز بىلەن مەن شۇنداق شەكىللەندۈرۈپ بولدۇق .چۈنكى مەن سىزنى دورىسام ، ئۇمۇ سىزنى دورىسا ئاخىرىدا پايدا ئالالمىغانلىرىمىز ساختىسىنى ئىشلەيدىغان گەپ شۇ !
بىر-بىرىمىزنى ، ئۆز-ئۆزىمىزنى دورىمايلى ! بازاردا مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ ، ئائىلىمىزدىمۇ ھەرخىل مەھسۇلاتلارغا ئورۇن بار ، بىز ھەممە مەھسۇلاتنى ئوخشاشلا ئېلىپ ئىشلىتىمىز ، مەھسۇلاتنىڭ ، سودىنىڭ چوڭ -كىچىكى بولمايدۇ ، بازار ئىگەللىسەك ،بازار ئاچالىساقلا ھەممە مەھسۇلاتلار ئوخشاشلا ئىستىقباللىق مەھسۇلات بولۇپ ، سىزگە زور پايدا ئېلىپ كىلىدۇ .

مەنبە؛ ئۇيغۇر سودىگەرلەر مۇنبىرى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر
  • www.xwdy.com
  • www.386w.com
  • www.xiame.com
  • www.jiasuba.com
  • www.7415.com
  • www.xinluobo.com
  • www.xinxigua.com
  • windows xp
  • 7k7k7
  • k7k7
  • 33668
  • xigua
  • faxing
  • taoke
  • 2012
  • ghost xp sp3
  • xinluobo
  • ghost xp
  • win7
  • rmzt
  • msmz
  • hao123
  • 33
  • 65ip