ئەسسالام :
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بىكىتىمىز ، يەنى ئې كوسۋاي شىركىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان روياپ گورۇپپىسى كەسپى تور بىكىتىگە كەلگىنىڭىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېتىمىز، ھەمدە سىزنىڭ مۇئاپىىقىيەت يولىغا بىرىنجى قەدىمىڭىزنى ئالغىنىڭىزغا ئېشىنىمىز، بۇ ماقالىنى يىزىشتىكى مەخسىتىم مۇنداق بىرنەچچە تۈرلۈك، ئالدى بىلەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئۈچۈن گورۇپپا تاللاش سىزنىڭ مۇئاپىقىيەت قازنىشىڭىزغا قانداق تەسىر يەتكۈزۈدۇ؟ روياپ گورۇپپىسى سىزگە ھازىر قانداق ياردەم بىرىدۇ ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى قاتارلىقلار.
ئەلۋەتتە سىز بەلكىم بۇ ماقالىنى كۈرۈپ بەزى بىر نەرسىلەرنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ھىچقىسىيوق، روياپ گورۇپپىمىز بىرىنجى قەدەمدە سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بىرىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارنى بىسىپ بۇ كەسىپنى چۈشىنىڭ:
كوسۋاي دىگەن نىمۇ؟
http://www.royap.com/shirket//2011/0511/6.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0511/7.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0511/8.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0512/9.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0512/10.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0512/11.html
http://www.royap.com/shirket//2011/0520/43.html
بۇ ئۇلانمىلاردىكى ماقالىلەرنى ئەستاھىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ھەمدى يەنە چۈشەنمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا ئوڭ تەرەپتىكى مۇلازىم سىستىمىسى ئارقىلىق بىز بىلەن يۇزتۇرانە ئالاقىلىشىپ بىزدىن مەھلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ، بۇ روياپ گورۇپپىسىنىڭ سىزگە بىرىدىغان ئىككىنجى ياردىمى، سىز بۇ قەدەمگە كەلگەندە نىمە ئۈچۈن بۇنى چۈشىنىمەن؟ نىمە ئۈچۈن سىزلەر بىلەن ئالاقىلىشىمەن دەپ سۇۋال قويشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەن سىزگە يەنە سۇۋال بىلەن جاۋاپ بىرىمەن، سىز نىمە ئۈچۈن پۇل تىپىشنى ئويلاۇسىز؟ پۇل تىپىپ نىمە قىلىسىز؟ بىز بۇ بىكەتنى قۇرۇش، سىز بۇ ماقالىنى كۈرۈشنىڭ سەۋەبىمۇ بىرلا، ئۇ بولسىمۇ "بىز نىمە ئۈچۈن پۇل تىپىشنى ئويلارمىز؟ بىز قانداق قىلىپ پۇل تاپىمىز"
بۇلىدۇ، ئەماى بىز رەسمى تىمىگە كەلسەك، روياپ گورۇپپىسى دىگەن نىمە؟
روياپ گورۇپپىسى 2011 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەھسۇس ئې كوسۋاي ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شىنجاڭدىكى بىر قەدەر كەسپى، تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولىۋاتقان كوللىكتىپ، گورۇپپىمىزنىڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدە بىر ئىشخانىسى، بىر مال سىتىش دۇككىنى بار، بىز نىمە ئۈچۈن قەشقەردىن باشلىدۇق؟ چۈنكى قەشقەر ئالاھىدە ئېقتىزاد رايۇنى، تەرەققىياتى ئەڭ تىز، تۇتىشىدىغان دۆلەتەر بىر قەدەر كۆپ بولغان، ئىقتىزادى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى ئېنتايىن ياخشى بولغان ئورۇن، ئۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە گورۇپپا ئازالىرىمىز كۆپەيگەن ھەم كۆپىيىۋاتقان جايلاردىمۇ ئىشخانا ياكى دۇككان تەستىق قىلىپ ماڭىمىز، بىز دەسلەپتە توردا بازار ئېچىشنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدا كەڭ دىيىرلىك بازار ئېچىشنى ئاساس قىلدۇق ھەم ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئىرىشتۇق، روياپ گورۇپپىسى كەسپى توربىكىتى يىقىندا قۇرۇلدى، بۇ بىزنىڭ ئىلگىرلىشىمىزنى تىخىمۇ تىزلەتتى، سىز كۆرىۋاتقانغا ئوخشاش، بىكىتىمىز ئۈزلىكسىز يىڭىلىنىۋاتىدۇ ۋە ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇر ۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى گورۇپپا ئەزالىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر، ئۇنداقتا گورۇپپىسمىز سىزگە قانداق ياردەم بىرىدۇ؟
1. كەسىپ چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش.
سىز كوسۋاي ئېگىلىكىگە تىز سۈرەتتە ئېگەللىگەندىلا بۇ پۇل تىپىش قۇرالىنى تەخىمۇ ياخشى ئىشلىتەلەيسىز، ئالدى بىلەن سىز ۋاكالەتچى بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ مەھسۇس تەربىلەش باسقۇچىمىز بار، بۇ باسقۇچ تۆت قەدەمگە بۆلىنىدۇ، پىسخىك تەربىيىسى، كەسپى تەربىيىسى، مەھسۇلات چۈشۈنىش، قانداق باشلايمەن؟ مۇشۇ تۆتخىل ئۈگىنىشنى ئىلىپ بارسىڭىز ئېشىنىمىزكى سىزنىڭ كوسۋاي ئېگىلىكىڭىزنى تىزدىن باشلىشىڭىزغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ، بۇلام ئەمەس، سىز گورۇپپىمىزگە ئەزا بولغاندىن كىيىن سىزگە مەھسۇس يىتەكچى بىكىتىلىپ بىرلىدۇ، بۇ يىتەقچى سىزنىڭ ھەربىر سوۋالىڭىزغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ، ھەمدا ئېزچىل سىزنىڭ بۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ، كەسپى تەربىلەش + ئىزچىل سىزگە مەسئۇل يىتەكچى = كەسىپگە مايىر بولغان سىز!
سىز كەسەپنى چۈشىنىپ بولغاندىن كىيىن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشتىمۇ بىز سىزگە ياردەم بىرىمىز، ئالدى بىلەن تور بىكىتىمىز مۇلازىم سۈپىسىدە ئىزچىل دىجورنى تۇرىدۇ، خىرىدارىڭىز چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى بۇ سۈپە ئارقىلىق ئىگەللىسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ يىتەكچىڭىز خىرىدارىڭىز بىلەن بىۋاستە كۆرشىپ سىزگە ۋاكالىتەن كەسىپ چۈشەندۈرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىتىملىق توردىكى ياكى ئەمەلىيەتتىكى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرنەچچە مۇنەۋۋار يىتەكچىلەر گورۇپپىسى سىز ئۈچۈن كەسىپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدۇ، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭىزدا ھازىر بولىدۇ، بۇ گورۇپپا ئەزالىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسلىق بەھرىمان بولىدۇغانلىرى.
2. ھەقدۇككانلا ئەمەس، ھەقسىز ۋاكالەتچى بۇلۇش پۇرسىتىمۇ بار دىسەك ئېشىنەمسىز؟
ھەقسىز دۇككان ئىچىش شىركەتنىڭ بىر ياخشى سىياسىتى، بىراق سىز بۇ شەرەپكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولىشىڭىز لازىم، بىراق سىز شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش ئۈچۈن مەسۇم نىسپەتتە مەھسۇلەت سىتىۋىلىشىڭىز لازىم، بۇ شىركەتنىڭ قايىدىسى، ئەمما بىز نۇرغۇن ۋاكالەتچىلىرىمىزگە تەخىمۇ يىقىملىق بولىشى ئۈزۈن بىر يۈرۈش سىتىپ چىقىرىش سىستىمىسىنى ھازىر قىلدۇق، بۇ زادى قانداق سىستىما ؟
ئالدى بىلەن سىز نۇرمال تەرتىپ بۇيىنچە ۋاكالەتچى بولىسىز، ئۇنىڭدىن كىيىن سىز ۋاكالەتچى بولۇش ئۈچۈن سىتىۋالغان مەھسۇلات لىرىڭىزنىڭ بىز تەستىققىلغان ئەمەلى دۇككان ئارقىلىق سىتىپ چىقىرىپ بىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن سىز ھەقسىز ۋاكالەتچى بولدىڭىز دىگەن گەپ، ئەلۋەتتە بۇ مەھسۇلاتلارنى ئەمەلى دۇككدندىلا ئەمەس، يەنە بىزنىڭ يىقىندا يولغا قويىدىغان توردىكى تاللا بازىرىمىز ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سىتىپ چىقىرىلىدۇ.
3.ھەر ھەپتىلىك كەسىپ چۈشەندۈرۈش يىغىنى ۋە ھەر كۈنلۈك كەسىپ چۈشەندۈرۈش يىغىنى سىزنىڭ كۈچىمايلا بازار ئىچىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ.
سىز يىڭى خىرىدار بىلەن سۆھپەتلەشكەندە بىزنىڭ ھەركۈنى ۋە ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كەسىپ چۈشەندۈرۈش يىغىنىمىزغا باشلاپ كىرسىڭىز، خىرىدارىڭىزنىڭ تىزدىن بۇ كەسىپنى چۈشىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
4.مۇلازىم سۈپۈسى سىزنىڭ خىرىدار تىپىش مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە ھەركۈنى نۇرغۇن مۇشۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان خىرىدارلار ۋە زىيارەت قىلغۇچىلار كىرىدۇ، بىز بۇ خىرىدارلار توپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇلازىم سۈپۈسىنى تەستىق قىلدۇق، سىز كەسپى تەربىيەدىن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ مۇلازىم سۈپىسىگە چىقىش سالايىتىگە ئىگە بولىسىز، بۇ مۇلازىم سۈپۈسى سىزگە پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە خىرىدار ئىلىپ كىلىدۇ، سىز خىرىدار تىپىشدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5.شاڭگاڭدىكى مال يەتكۈزۈش ئورنىمىز سىزنىڭ ۋاكالەتچى بولغاندىنكىيىنكى مەھسۇلات زاكاس قىلىشىڭىزگە تەخىمۇ قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ.
شۇنداق، بىزنىڭ شىاڭگاڭ ئالايىدە مەمۇرى رايۇنغدا مەھسۇس ئەزالىرىمىزگە مۇلازىمەت قىلىدۇغان مال يەتكۈزۈپ بىرىش ئورنىمىز بار بولۇپ، سىزنىڭ ۋاكالەتچى بولغاندىن كىيىنكى مەھسۇلات زاكاس قىلىشىڭىزگە تەخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ، مەھسۇلات بىۋاستە گورۇپپىمىز ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزۈلدۇ، تاموخنىدىن ئۈتۈش، تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلاردا كىتىدىغان ۋاقىتلار يوقاپ، سىزنىڭ تىخىمۇ تىز ۋە ئىتىبار باھادا مال تاپشۇرۋىلىشىڭىزگە كاپالەت قىلىپلا قالماستىن، كىرا ھەققىنىمۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە يەتكۈزىدۇ.
يۇقارقى ئالاھىدىلكىمىز سىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا تىز سۈرەتتە ئىگىلىكىڭىزنى روناق تاپقۇزۇشىڭزگە ياردەم بىرىدۇ، بۇلار بىزگە نايىتى ياخشى شارايىتلارنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، بىز يەنە سىز ئۈچۈن، گورۇپپىمىزنىڭ تىخىمۇ تىز تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىلانلارنى بىردىن ئىشقا ئاشۇرماقچى بىز:
1. تور دىكى تاللا بازىرىنى ئىچىش ۋە شۇنىڭ ئارقىلىق ئەزالىرىمىزنىڭ سىتىپ چىقىرىپ بولالمىغان مەھسۇلارلىرىنى سىتىپ چىقىرىش.
2.ھەر بىر ئەزارىمىزغا ئۆزىگە تەۋە تور بىكەت ۋە مۇلازىم سىستىمىسى تەستىق قىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئەزالىرىمىزنىڭ ئېقتىدارىنى ئەركىن جارى قىلىش شارايىتى بىلەن تەمىن ئېتىش.
3.ئەمەلى تەشۋىقات ۋاراقچىسى، كەسىپ قوللانمىسى، مەھسۇلات چۈشەندۈرشى، ئىسىم كارتا قاتارلىق ئەمەلى يەريۈزى بازار ئىچىش قۇراللىرى بىلەن ھەر بىر ئەزالىرىمىزنى قۇراللاندۇرۇش.
4.ئەزا سانىمىز مەلۇم سانغا بارغاندا شۇ تۇرۇشلۇق جايدا كەسپى مۇلازىمەت ئىشخانىسى ۋە سىتىپ چىقىرىش دۇككىنى تەستىق قىلىش.
بۇلار بىزنىڭ يىقىندا ئىشقا ئاشۇرىدىغان پىلانلىرىمىز، ئەلۋەتتە بىز يەنىلا ئەزالىرىمىزنىڭ تەرەققىيەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ يەنە قانداق تەلەپلىرىڭىز ۋە پىكىرلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىماڭ.
روياپ گورۇپپىسى سىز ۋە بىزنىڭ ئورتاق تىرىشجانلىقىمىز ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تىز، ئاڭ كەسپى ساپالىق گورۇپپا بولغىسى، سىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز روياپ گورۇپپىسى ئارقىلىق روياپقا چىققۇسى.!
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقوقى روياپ گورۇپپىسى، روياپ كەسپى توربىكىتىگە مەنسۇپ، خالىغانچە كۈچۈرۈپ ياكى مەزمۇن ئۆزگەرتىپ ئوخشىتىپ قوللانغانلارنىڭ قانۇنى قاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىدۇ.
|