ئىتالىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، دائىم تەركىبىدە مول كالىي بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىتالىيە تەتقىقاتچىلىرى 247 مىڭ كىشىنىڭ كالىي ئىستىمال قىلىش مىقدارى، كۈندىلىك ئىستىمال ئادىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى: ئەگەر بىر ئادەم كۈنىگە 1.64 گىرام كالىي ئىستىمال قىلسا، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %21 تۆۋەنلەيدىكەن، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارچۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مول كالىيلىق يېمەكلىكلەرقان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ۋە تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىتا بۇ رولى ئىنتايىن روشەن. بۇنىڭدىن سىرت، كالىي يەنە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئارتىرىيە قېتىش شۇنداقلا ئارتىرىيە تومۇرى قېلىنلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كالىي ئادەم ھاياتىنى ساقلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئېلمىتلارنىڭ بىرى. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم بېلىق تۈرىدىكىلەر، دانلىق زىرائەت، بانان، پەمىدۇرقاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەنبە؛ مىسرانىم تورى |