سىنىك ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەندىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئەمما رولى ئىنتايىن چوڭ. ئادەتتە ئۇنىڭ بەدەندىكى مىقدارى ئىككى - ئۈچ گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ قىسمى ئاساسەن جىگەر، مۇسكۇل ۋە سۆڭەك قاتارلىقلارغا تارقالغان بولىدۇ.
سىنك ئادەم بەدىنىدە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزمنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن سىنك مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېتەرلىك مىقداردىكى سىنك تولۇقلىغاندا، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان تۆرەلمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى يەنى بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىنك ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىنك چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەقىللىق، ئۆگىنىشتە ياخشى، كاللىسى سەگەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى سىنكنىڭ مىقدارى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. سىنك تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىدىكى مۇھىم تەركىب بولۇپ، چاچ، تىرناقنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھەملىرىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىنك قۇشۇلغان بولىدۇ. تەركىبىدە سىنك بولغان ئۇپىلارنى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە سۈرتكەندە تېرە زەخمىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. سىنكنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى ئەر-ئاياللاردىكى كۆپۈيۈش ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ يەنى ئاياللاردىكى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ، ئەرلەردە بولسا مەزى بېزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر كۈنىگە ئون مىكرو گىرام ئەتراپىدا سىنكنى تولۇقلاپ تۇرغاندا، بەدەننىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر سىنكنىڭ ئادەم بەدىنىكى مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا بەدەندە نۇرغۇنلىغان فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوۋاقلار ۋە بالىلارغا بولغان تەسىرى ئېغىرراق بولىدۇ. يەنى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە سىنك يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بويىنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى روشەن بولمايدۇ، تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، چېچى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلاردا سىنك كەمچىل بولغاندا ئاسانلا زۇكام، ئۆپكە يەللىكى، كاناي يەللىكى قاتارلىق نەپەسلىنىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا سىنك كەمچىل بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىنك مىقدارىنى تولۇقلاش، يەنى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ھايۋانات جىگىرى، ئالما قىيامى، كالا گۆشى، سۈت ۋە ھەر خىل بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك. مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى |