1. ئىشنى ئۇششاق سودىدىن باشلاش ؛
2 . پايدا كۆرۈشكە ئالدىرىماي ، دەسلەپكى پايدا كۆرۈش نىشانىنى تۆۋەنرەك بېكىتىش ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كۆڭۈلدە سان بولۇش ؛ 3 . مۇلازىمەت سەۋىيەسى بىلەن تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ، سودا يولىنى توختاۋسىز كېڭەيتىش ، يوشۇرۇن خىرىدارلارنى ئۆزلۈكسىز كۆپەيتىشكە ئىنتىلىش ؛ 4 . تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش ؛ 5 . مۇستەھكەم ئىرادە تۇرغۇزۇش ، بىرەر ئىشنى باشلىماقچى بولغاندا ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەم ئېتراپ قىلسىلا كۇپايە ، ئون ئادەمنىڭ ھەممسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ؛ 6 . ئادەم ئىشلىتىشتە ھەددىدىن ئارتۇق گۇمانخورلۇق قىلماي ، قول ئاستىدىكىلەرگە ھوقۇقنى قورقماي بېرىش ؛ 7 . تەننەرخنى ھەربىر تىيىنغىچە تىزگىنلەپ ، پايدىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتىش ؛ 8 . ئېگىلمەي - سۇنماي كۆرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇش ؛ 9 . ئىگىلىك تىكلەشتە ئىجادكارلىق روھى بولۇش ، باشقىلار تېخى بايقاپ بولالمىغان سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش ؛ 10 . قولىدىكى ئىشقا %50 ئىشەنچ بولسىلا ، ئۇنى باشلاشقا كىرىشىش كېرەك ، بىرەر ئىشنى باشلىغاندا ، تەييارلىقنىڭ ناھايىتى تولۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن . شۇڭا ، بەزى چاغلاردا بۇ قائىدىلەرنى كونكېرت ئەھۋالغا قاراپ جانلىق قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ . مەنبە؛ دىلرام تورى |