كالتسىي تولۇقلاش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:7 بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئاساسلىقى، ئاياللاردا ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى بولىدۇ. بىرىنچىسى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى؛ ئىككىنچىسى، ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلى؛ ئۈچىنچىسى، كلىماكتېرىيە مەزگىلى. 1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى دېگىنىمىز، قىزلارنىڭ 13 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان يېتىلىش مەزگىلىدۇر، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ يېتىلىشى تېز، كالتسىيغا بولغان ئېھتىىياجى يۇقىرى بولىدۇ، ناۋادا بۇ مەزگىلدە كالتسىينى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە ھەم پۈتۈن ئۆمرىدىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە جۇغلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. 2. ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىمۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىق كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئانا بەدىنىدىن كۆپ مىقداردىكى كالتسىينى ھامىلە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەك قىلىدۇ.
مەنبە؛ دىلرام تورى |