ئىشەنچ - چوڭ مېڭىدىكى مۇھىم كاتالىزاتور ھېساپلىنىدۇ. ئىشەنچ بىلەن ئوي-پىكىر بىرلەشكەندە، يوشۇرۇن ئاڭ ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن چاغدىكى زىلزىلىسىنى قوبول قىلىدۇ-دە، بۇ خىل زىلزىلىنى مەنىۋىيەتتىكى قىممەتداش بويۇيۇمغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەقىل-پاراسەت پەيدا بولىدۇ. بارلىق ئاكىتىپ ھېسىياتلار ئىچىدە ئىشەنچنىڭ كۈچى ئالدىنقى ئوروندا تۇرىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزغا ئىشەنچىمىز بولسا، ئوي-پىكىرگە پەۋقۇلاددە بىر خىل مەۋھۇم كۈچ قوشىلىدۇ ھەمدە بۇ مەۋھۇم كۈچ شۇ ھامان يوشۇرۇن ئاڭغا يېتىپ بېرىپ، باراۋەر مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئىشەنچ- ئۇ، ئوي-پىكىر ھاسىل قىلىدىغان ئىلھامغا ھاياتى كۈچ، قۇدرەت ئاتا قىلالايدۇ. ئىشەنچ- بايلىق جۇغلاشنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىشەنچ- بارلىق مۆجىزە ۋە ئىلىم-پەن پرىنسىپلىرى ئاچالمىغان سىرلارنىڭ ئۇلىدۇر. ئىشەنچ- مەغلۇبىيەت كېسەللىكىنىڭ بىردىن بىر دورىسىدۇر. ئىشەنچ- ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى كۈچى بىلەن ھاسىل بولىدىغان ئادەتتىكى ئوي-پىكىر زىلزىلىسىنى، باراۋەر مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان ئامىلدۇر.
مەنبە؛ كىتاپ. |